ترامپ بايدىننىڭ سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ: ئۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينى يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، دېدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، پ جو بايدىننىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن «يۈز بېرىدىغان ئەڭ ناچار ئىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1624637
ترامپ بايدىننىڭ سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ: ئۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينى يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىسابىق پىرېزىدېنت ترامپ «فوكس خەۋەرلەر قانىلى» دىن سېئان ھاننىتينىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىدىغان سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا ئوخشاش كىشىلەر بىلەن ياخشى چۈشىنىشكەنلىكىنى ۋە ئۆز رايونىدىكى كۈچلۈك رەھبەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلەپ: «رۇسىيەنى خىتاينىڭ قولىغا ئىتتىرىشنىڭ ئورنىغا، رۇسىيە بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، سودا قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ قىلالايدىغان ئەڭ ناچار ئىشىمىز خىتاي بىلەن روسىيەنى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرۇش. نۆۋەتتە ئۇلار بىرلىكتە» دېدى.

 (كوۋىد – 19) يۇقۇمى باشلىغۇچە ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ترامپ، خىتاي بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمىنىڭ ئامېرىكالىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپىيىپ كەتكەن كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىمۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، بايدىننىڭ سىياسەتلىرىنىڭ دۆلەتكە زور زىيانلارنى  ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دونالد ترامپ چېگرادىكى ئەھۋال توغرىسىدا توختىلىپ: «ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؛ ئۇلار دۆلىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر بۇ يەرگە توپلىنىۋاتىدۇ، ئىلگىرى بۇ دەرىجىدە بۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەنىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر