شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى بېلفاست يەنە مالىمان بولدى

شاھزادە فىلىپنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولىشىنى قوللىغۇچىلار ۋاقتىنچە توختاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى بېلفاستتا يەنە قايتا باشلىدى.

1624768
شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى بېلفاست يەنە مالىمان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان برېكىست كېلىشىمى (ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى) گە ئاساسەن شىمالىي ئىرېلاندىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسىغا چەكلىمە قويۇلىشىغا قارشى چىققان ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوللايدىغان پروتېستانتلار يەنە قايتىدىن كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى باشلىدى.

نامايىشچىلار ئوت يېقىپ يوللارنى توستى. ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتتى. ساقچىلار گۇرۇپپىنىڭ كاتولىكلار ئولتۇراقلاشقان رايونغا كىرىشىگە يول قويمىدى.

29-مارتتا باشلانغان ۋەقەلەر شاھزادە فىلىپنىڭ 9-ئاپرېلدا ۋاپات بولۇشىدىن كېيىن ۋاقتىنچە توختىغان ئىدى.

ئىتتىپاقنى قوللىغۇچىلار 17-ئاپرېلدا دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن پۇقراۋىي ئىتائەتسىزلىك چاقىرىقى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر