نىگېرىيەدە يولدا كېتىۋاتقان ماي توشىغۇچى ئاپتوموبىل پارتلاپ كەتتى

نىگېرىيەنىڭ بېنۇ ئۆلكىسىدە يولدا كېتىۋاتقان ماي توشىغۇچى ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، يۈز بەرگەن پارتلاشتا 12 كىشى قازا قىلدى.

1623980
نىگېرىيەدە يولدا كېتىۋاتقان ماي توشىغۇچى ئاپتوموبىل پارتلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك يول بىخەتەرلىك ئورگىنى (FRSC) نىڭ بېنۇ ئۆلكىلىك باشلىقى ياقۇبۇ مۇھەممەد يەرلىق مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتىدا، ماي توشىغۇچى ئاپتوموبىلنىڭ ئۆلكىگە قاراشلىق ئوشىگبۇدۇ-ئوباگاجى يولىدا ئۆرۈلۈپ چۈشىشى بىلەن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياقۇبۇ مۇھەممەد پارتلاشتا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 3 ئايال ۋە بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 12 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە  نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

يارىلانغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكنەلىكىنى تەكىتلىگەن ياقۇبۇ مۇھەممەد، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياقۇبۇ مۇھەممەد پارتىلاشتا ئەتراپتىكى ئۆيلەر ۋە دۇكانلارنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر