بورىس جونسون ھىندىستان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە ئۆلۈملەردە زور ئېشىش كۆرۈلگەن ھىندىستاننى 26-ئاپرېل زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1624248
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون دۆلەتتە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان زىيارىتىدىن ۋاز كېچىشنىڭ «بىردىنبىر مەنتىقلىق ئىش» ئىكەنلىكىنى ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن ئىنتېرنېنتتا كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ زىيارەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مودى بىلەن مەن ناھايىتى ئېچىنغان ھالدا زىيارەتنى قىلماسلىقنى قارار قىلدۇق. ھىندىستاندا يۈز بەرگەنلەر ۋە ئۇ يەردىكى ۋابا ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقاندا، زىيارەتنى كېچىكتۈرۈش مەنتىقلىق دەپ ئويلايمەن» دېدى.