بىرما ئۆكتىچىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى يىغىنىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 737 گە چىقتى.

1624063
بىرما ئۆكتىچىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى يىغىنىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم جەمئىيىتى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، بىرمادا يېقىنقى 24 سائەتتە يەتتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، نامايىشلاردا جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 737 گە، تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 3 مىڭ 229 غا ۋە  ئۈستىدە تۇتۇش قارارى چىقىرىلغانلار سانى 930 غا چىقتى.

ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى تەشكىللىگەن دۆلەت پارلامېنتى ۋەكىل كومىتېتى ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى قۇرغان «خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ»، بىرما كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن 24-ئاپرېل (2021) ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىدىن موئې زاۋو ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئەگەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىرمادىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشنى خالىسا، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خەلق ھۆكۈمىتىنى مۇزاكىرەگە قاتناشتۇرماستىن ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.

ئۇ خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ، ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىرغىچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن بىزگە تەكلىپ كەلمىدى. بۇ مەسىلىنىڭ جىددىي تۈردە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى 16-ئاپرېل ھەربىي ئۆزگىرىشنى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن «خەلق ھۆكۈمىتى» قۇرغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلق ھۆكۈمىتى كابېنتىدا، 1-فېۋرال ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان بىرمانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋىن ميىنت «پىرېزىدېنت» لىققا، تۇتقۇن ئاستىدىكى دۆلەت رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى «دۆلەت مەسلىھەتچى» لىكىگە كۆرسىتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر