جو بايدىن ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىنىدىغان پاناھلانغۇچىلار سانىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاممىدىن كەلگەن تەنقىدلەردىن كېيىن، جۈمە كۈنى 2021-يىلى «15 مىڭ» دەپ ئېلان قىلىنغان پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سان چەكلىمىسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1623449
جو بايدىن ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىنىدىغان پاناھلانغۇچىلار سانىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزگەن دېلاۋار ئىشتاتىدا مۇخبىرلارغا پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سان چەكلىمىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

بايدېن بىر سوئالغا جاۋابەن بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان پاناھلانغۇچىلار سانى ئۈستىدە توختىلىپ، «بىز بۇ ساننى كۆپەيتىمىز، مەسىلە جەنۇب چېگراسىدىكى ياشلار بىلەن بولغان كرىزىسنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىدى. ئىككى ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلالمايتتۇق، شۇڭا ئەمدى بۇ ساننى كۆپەيتىمىز». دېدى.

ئاقساراي جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئالدىنقى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 2021-مالىيە يىلىدىكى «تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سان» دەپ خاتىرىلەنگەن 15 مىڭ پاناھلانغۇچى قوبۇل قىلىش سان چەكلىمىسىنىڭ ساقلىنىپقالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ قارار ئامما ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىلىشىغا شۇنداقلا بەزى پالاتا ئەزالىرىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاخىرقى ساننىڭ بايدىن تەرىپىدىن 15-مايغىچە بېكىتىدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر