بوكو ھارام يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1623037
بوكو ھارام يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا 18 ئادەم قازا قىلدى، 21 ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بولسا، نۇرغۇن تېرورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

بورنو ئۆلكىسى ۋالىيسى باباگانا زۇلۇم، بوكو ھارام ئەزالىرىنىڭ داماساكقا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن رايوننى زىيارەت قىلدى ۋە ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا 18 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 21 ئادەمنىڭ يارىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نىگېرىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى مۇھەممەد يېرىما، ئارمىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىنىڭ موببار رايونىدا بوكو ھارامغا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى  ئېلىپ بېرىپ تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ۋە تېررورچىلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوكو ھارامنىڭ 2009- يىلدىن بۇيان نىگېرىيەدە سادىر قىلغان كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر