ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېرىم كېچىدە غەززە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ باردى.

1622387
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ئېتىلغان بىر راكېتامىيوتقا جاۋاب تەرىقىسىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ غەززەگە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانلىقى، ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ غەززەدىكى بىر ئوق دورا زاۋۇتى، قورال توشۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تونېل ۋە ھاماسقا قاراشلىق بىر ھەربىي رايوننىڭ نىشان قىلىنغانلىقى، ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر