ئىراننىڭ يادرو ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

ئىران ئىستىخبارات مىنىستىرلىقى ئىسفاھاندىكى ناتانز يادرو ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە نازارەتكە ئېلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1619528
ئىراننىڭ يادرو ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىستىخبارات مىنىستىرلىقىدىن بىر مەسئۇلنىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان باياناتىدا، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ناتانز يادرو  ئىستانسىسىنىڭ توك تەقسىملەش تورىدا 1- ئاپرېلدا ۋەقە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ،  تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى بۇ ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفمۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنتىقامى چوقۇم ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىراننىڭ ناتانز يادرو ئىستانسىسىدا 2020-يىلى ئېيۇل ئېيىدىمۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋە ئىران يادرو ئالىمى مۇھسىن فاھرىزادە سۇيىقەستكە ئۇچراپ،  ئەتىسى 28-نويابىردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ناتانز يادرو ئىستانسىسىدا شەنبە كۈنى پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ يوليورۇقى بىلەن 10 ھەسسە ئارتۇق ئۇران ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغان ۋە 164 دانە IR6 سانترىفۇژ زەنجىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر