سامىھ شۈكرى: مىسىر تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى خالايدۇ

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى، تۈركىيە بىلەن ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق شەكىلدە دىئالوگ ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن مۇناسىۋەتلەرتنىڭ ئورنىتىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1619430
سامىھ شۈكرى: مىسىر تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سامىھ شۈكرى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ،  تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى باياناتلىرى ۋە تاشلىغان قەدەملىرىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سامىھ شۈكرى سىياسىي كۆرسەتكۈچ جەھەتتىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ رامكىسىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي ئېچىۋېتىش باسقۇچىغا ئۆتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

سامىھ شۈكرى تۈركىيەنىڭ مىسىرنىڭ ئەھمىيىتىگە ئالاقىدار باياناتلىرى ۋە بەرگەن سىگناللىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مىسىر ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولىدىغان دىئالوگ ئورنىتىشنى شۇنداقلا ئۆزئارا مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەستىن، خەلقئارا قانۇنغا  ئۇيغۇن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ» دېدى.

سامىھ شۈكرى كېرەكلىك ئاساس شەكىللەنگەندە ، بۇنى سىياسىي يىغىن شەكلىدە مۇزاكىرىلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 10-ئاپرېلدا رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر