ئەنگلىيەدە بايقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋارىيانتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئەنگلىيەدە بايقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋارىيانتىنىڭ، ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن 1.32 ھەسسە تېز يۇقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1617812
ئەنگلىيەدە بايقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋارىيانتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە بايقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تۈرىنىڭ، ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن 1.32 ھەسسە تېز يۇقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (NIID) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان Kovid-19 نىڭ ۋارىيانتلىرىنى تەكشۈرگەن.

تەخمىنەن 50 كۈن داۋاملاشقان ئانالىز جەريانىدىن كېيىن، ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋارىيانتىنىڭ ئەسلى ۋىرۇسقا قارىغاندا 1.32 ھەسسە تېز يۇقىدىغانلىقى بايقالغان.

NIID نىڭ رەئىسى تاكاجى ۋاكىتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ۋارىيانتنىڭ كانساي رايونىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، بارا-بارا توكيو ۋە ئەتراپتىكى ئىشتاتلارغا تارقىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر