مېكسىكا كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى
مېكسىكا ئامېرىكانىڭ ھوندۇراس، ئەل سالۋادور ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەر يىلى 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ دۆلەتلەردىن كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ چوڭايغان دائىملىق ھالغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسېلو ئېبرارد (Marcelo Ebrard) گىۋاتېمالا ۋە ئەل سالۋادورغا مەبلەغ سېلىشنى تەكلىپ قىلىپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇ: «ئەگەر رايونغا، بولۇپمۇ ئېتنىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولۇپ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن قارىغاندا، كېيىنكى يىللاردا كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ چوڭىيىشى ۋە دائىملىق ھالغا ئايلىنىشى ئېنىق. ئامېرىكا بۇ ئەھۋالدا ھەر يىلى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 2 مىليارد دوللار خەجلەشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.
ئەل سالۋادور بىلەن گىۋاتېمالا ئامېرىكاغا ئەڭ كۆپ كۆچمەن «ئېكسپورت» قىلغان دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسىنىڭ 2-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىدا، مارتتا ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا تۇتۇلغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ 171 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ۋە بۇ رەقەمنىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ كۆپ رەقەم ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.