رۇھانى: ئامېرىكانىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ۋاكسىنا سېتىۋېلىشىمىز توسالغۇغا ئۇچرىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن تېھراننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1617393
رۇھانى: ئامېرىكانىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ۋاكسىنا سېتىۋېلىشىمىز توسالغۇغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى قۇرۇلۇشى تاماملانغان ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك  قىلغان  پىرېزىدېنت رۇھانى، كوۋىد - 19 گە قارشى ياسالغان ۋاكسىنىلار ۋە ۋاكسىنا سېتىۋېلىش جەريانى توغرىسىدا توختالدى.

ۋاكسىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر قاتار قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا يەرلىك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇھانى: «بىز بىر دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانىدۇق، ئامېرىكالىقلار بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئىرانغا 10 مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەۋەتىشى كۈتۈلۈۋاتقان شىركەتلەرگە بېسىم قىلىپ، ئىشلارنى توختىتىپ قويدى. يەرلىك ۋاكسىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارغا سېلىش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنا مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، دۇنيادىكى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر