نىگېرىيەدە قاچقۇن مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمى تەسلىم بولدى

نىگېرىيەنىڭ ئىمو ئۆلكىسىدە 5 – ئاپرېل كۈنى تۈرمىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئەسناسىدا قاچقان 1844 مەھبۇستىن 36 سى تەسلىم بولدى.

1616968
نىگېرىيەدە قاچقۇن مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوۋېرى تۈرمىسىنىڭ باياناتچىسى جەيمس مادۇبا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆلكىنىڭ پايتەختى ئوۋېررى شەھىرىدىكى تۈرمىگە قىلغان ھۇجۇمى ئەسناسىدا قېچىپ كەتكەن باشقا مەھبۇسلارنى ئاختۇرۇپ تۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

نىگېرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رائۇف ئارېگبېسولا، قېچىپ كەتكەن مەھبۇسلار  تەسلىم بولغان تەقدىردە، قاچقانلىقى سەۋەبلىك جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

شۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئەسناسىدا 1844 مەھبۇس قېچقىپ كەتكەن، 35 مەھبۇس قېچىشنى رەت قىلغان، 50 ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن، 6 قاچقۇن بولسا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈرمىگە قايتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر