دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوق تېگىپ قازا قىلدى.

1617306
دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ تۈنۈگۈن كېچە بويى بەش قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، دونباسنىڭ پېسكى ۋە ۋودىيانويې رايونلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم جەريانىدا بىر ئۇكرائىن ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى رۇسلان خوماچ 30- مارت پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ مانېۋىرنى باھانە قىلىپ ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

دونباس رايونىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ تەرەپ ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى، 2020- يىلى 27- ئىيۇلدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغانىدى.

بۇ رايوندىكى ئۆز ئالدىغا ​​مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى 2014- يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر