بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 18 شەكلىنىڭ بىرلەشمىسىدىن پەيدا بولغان يېڭى تۈر بايقالدى

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئېنىقلانمىغان 18 ئۆزگەرگەن شەكلىنىڭ بىرلەشمىسىدىن پەيدا بولغان يېڭى تۈرى بايقالدى.

1617483
بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 18 شەكلىنىڭ بىرلەشمىسىدىن پەيدا بولغان يېڭى تۈر بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە «O Globo»  نىڭ بىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بېلو خورىزونتې (Belo Horizonte) شەھىرىدىكى مىناس (Minas Gerais) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىلەن رېيودى ژانېرو فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرستېتى تەتقىقاتچىلىرى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 18 ئۆزگەرگەن شەكلىنىڭ بىرلەشمىسىدىن پەيدا بولغان يېڭى تۈرىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلار مەزكۇر يېڭى تۈرنىڭ خەتەرلىك يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى ئېنىقلانمىغان 18 تۈرنىڭ ئىچىدە بىرازىلىيەنىڭ ئامازوناس ئىشتاتىدا كۆرۈلگەن P1، رىيو دى ژانېرو دا كۆرۈلگەنP2، ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەنB.1.1.7  ۋە جەنۇبىي ئافرىقادا كۆرۈلگەن B.1.1.351 تۈرلىرىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈرلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىناس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رېناتو سانتانا (Renato Santana) بايقالغان تۈرنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغانلىقىنى ياكى تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىرازىلىيەدە ئىلگىرى بايقالغان تۈرلەر ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇھىم. دېمىسىمۇ يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە» دېدى.

ئۇ مەزكۇر تۈرنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ۋابا 2021-يىلى مارتتا ئەڭ ئېغىرلاشقان بىرازىلىيەدە، 7-ئاپرېل بىر كۈندە 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بىرازىلىيەدە بۈگۈنگىچە 340 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى، دۆلەتتە 13.1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىدە بايقالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر