ب د ت ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى ئەڭ كۆپ تارتىۋاتقان دۆلەتنى ئېلان قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 2018 – يىلى 13 مىليون بولغان ئاچ قالغانلار سانىنىڭ بۇ يىل 27 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، ھەر 3 ئادەمدىن بىرىنىڭ ئاچارچىلىق كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى ئەڭ كۆپ تارتىۋاتقان دۆلەت كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېمەك - ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ھازىر 7 مىليون ئادەم ئاچارچىلىق كرىزىسىنىڭ «جىددى سەۋىيەلىرى» دە ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا ئىكەن.
بۇمۇ ئاچارچىلىقققا دۇچ كېلىۋاتقانلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئېھتىياجلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۈچۈن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
دۆلەتتىكى ئىچكى توقۇنۇشلار يېمەك - ئىچمەك ئىشەنچىسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدىكەن.
«كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ۋە قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى كونگولۇقلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا ئىكەن.