ئامېرىكا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت، شىمالىي كورېيە سىياسىتىنى بېكىتىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1614094
ئامېرىكا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋاننىڭ ياپون ۋە جەنۇبىي كورېيەلىك مەنسەپداشلىرى شىگېرۇ كىتامۇرا ۋە سۇھ خۇن بىلەن ماريلاند ئىشتاتىنىڭ ئانناپولىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئاكادېمىيەسىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تەرەپلەرنىڭ ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىدىن قىلىنىۋاتقان ئورتاق ئەندىشە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ئورتاق ھەل قىلىش ئىرادىسى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، كورېيە ئۇرۇشى ئايرىۋەتكەن ئائىلىلەرنى قايتىدىن جەم قىلىش، كوۋىد -19 ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى، شۇنداقلا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بېرمانىڭ دەرھال دېموكراتىيەگە قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ئايدا ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغانىدى.

بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، ئارىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قىلىنغان سىناقلار يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى نىشان قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر