تەيۋەندىكى پويىز ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى 51 گە يەتتى
تەيۋەننىڭ خۇالىيەن رايونىدا بىر يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 51 ئادەم قازا قىلدى، 146 ئادەم يارىلاندى.
1613932
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ تەيۋەن قاتناش مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 350 يولۇچى ئولتۇرغان 8 ۋاگونلىق پويىز خۇالىيەن رايونىغا كىرىدىغان تونېلدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 51 ئادەم قازا قىلغان، 146 ئادەم يارىلانغان.