لاۋروۋ: ئۇرۇش باشلاش ئۇكرائىنانى يوق قىلىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدا يېڭىدىن ئۇرۇش باشلاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1613494
لاۋروۋ: ئۇرۇش باشلاش ئۇكرائىنانى يوق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پېرۋىي (Pervıy) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ھەربىيلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش باشلاش ئۈچۈن قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق غەربنىڭ ئىغۋاچى سىياسەتچىلىرىنىڭ، ھەربىيلەرنى كۈشكۈرتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مەزكۇر كىرىزىس توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئالغان ھالدا: «دونباستا يېڭىدىن ئۇرۇش باشلاشقا ئۇرۇنغانلار، ئۇكرائىنانى يوق قىلىدۇ. پۇتىن بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى ئېيتتى ۋە بۇ سۆز ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ پۇتىننى «قاتىل»، «ئامېرىكا سايلاملىرىغا ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بەدەل تۆلەيدۇ»  دېگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «بايدىننىڭ ئا ب س تېلېۋىزىيەسىدە ئېيتقانلىرى، ناھايىتى يىرگىنچلىك گەپلەر. بايدىن پىرېزىدېنت بولدى ۋە رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى، قاتتىق گەپلەرنى قىلىشنى ۋە ھەر ساھە بويىچە بېسىم قىلىشنى باشلىدى. بۇ يىللار بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ پۇتىننىڭ بايدىنغا «دىپلوماتىك» ۋە «سىيلىق» شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ، كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ناھايىتى ئەپسۇس بۇنىڭغا جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى جانلاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەمىنلەۋاتقان ئېنېرگىيەلەرنى سىياسىي بېسىم ۋاستىسى  قىلىپ پايدىلانمايدىغانلىقلىرىنى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يامان نىيەتلىك» ھەرىكەتلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر