ب د ت دۇنيا ئەللىرىدىن سۈرىيەلىكلەرگە بېرىدىغان ياردەملىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە يىغىنىدىن ئىلگىرى ياردەمگە موھتاج 24 مىليون سۈرىيەلىك ئۈچۈن 10 مىليارد دوللار ياردەم بېرىش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

1610255
ب د ت دۇنيا ئەللىرىدىن سۈرىيەلىكلەرگە بېرىدىغان ياردەملىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ۋە ب د ت تەرەققىيات پىروگراممىسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن مىليونلىغان سۈرىيەلىككە بېرىدىغان ياردىمىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.

سۈرىيەلىكلەرنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىق خەۋپىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەر 5 سۈرىيەلىكنىڭ 4 ىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۆلەت ئىچى ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى ياردەمگە موھتاج سۈرىيەلىكلەر سانىنىڭ بۇ يىل 20 مىليوندىن 24 مىليونغا كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، 2021- يىلى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 10 مىليارد دوللار فوندىغا ئېھتىياج بارلىقى، بۇنىڭ 4 مىليارد 200 مىليون دوللىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچىدىكى، بەش مىليارد 800 مىلون دوللىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلارغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر