فېيسبۇك ۋېنېزۇئېلا پرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى فېيسبۇك ۋېنېزۇئېلا پرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى سەۋەبىدىن ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى.

1609830
فېيسبۇك ۋېنېزۇئېلا پرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېيسبۇكنىڭ بىلدۈرىشىچە، مادۇرو كوۋىد-19 يۇقۇمىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «Carvativir» ناملىق دورىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق فېيسبۇك سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان.  

فېيسبۇك ۋېنېزۇئېلا پرېزىدېنتى مادۇرونىڭ مەزكۇر دورىنى تەشۋىق قىلغان ۋىدېئوسىنى يۈيۇپ تاشلاپ، ھېسابىنى 30 كۈنلۈك توڭلىتىپ قويدى.

مادۇرو فېيسبۇك تەرىپىدىن يۇيۇۋىتىلگەن ۋىدېئوسىدا، تېمى ئۈسۈملۈكىدىن ياسالغان «Carvativir» ناملىق دورىنى «مۆجىزە» دەپ تىلغا ئئالغان ۋە تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا شۇنداقلا  داۋالاشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر