ب د ت ئافرىقادىكى 44 دۆلەتكە ۋاكسىنا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا رايونى ئىشخانىسى تۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە 7 مىليون 700 مىڭ قۇتا ۋاكسىنىنىڭ خەتەر ئاستىدىكى رايونلارغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1608791
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كىرىمى تۆۋەن ۋە ئوتتۇراھال دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىلارغا باراۋەر ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان «كوۋىد - 19 ۋاكسىنىلىرىغا يەرشارىۋى ئېرىشىش پىروگراممىسى» دائىرىسىدە، ئافرىقادىكى 44 دۆلەتكە كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى ئەۋەتىلدى.