نىگېرىيەدىكى توقۇنۇشتا 20 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى

نىگېرىيەدە قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1608604
نىگېرىيەدىكى توقۇنۇشتا 20 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ئۆلكىلىك مارىگا كېڭەش ئەزاسى ئىبراھىم ئىلياسۇ، مارىگا رايونىغا قاراشلىق كوتونكورو يېزىسىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىلياسۇ توقۇنۇشتىن كېيىن رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلەرنىڭ 20 نەپەر يەرلىك بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلياسۇ ئەسكەرلەرنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر