فىرانسىيە نامايىشچىغا زىيان يەتكۈزگەن بىر ساقچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىك بىر پائالىيەتچىنىڭ كۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ساقچى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاندى.

1608165
فىرانسىيە نامايىشچىغا زىيان يەتكۈزگەن بىر ساقچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ 2018 - يىلى 8 – دېكابىردىكى پايتەخت پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشى جەريانىدا ئىشلەتكەن سولياۋ ئوقى بىر نامايىشچىنىڭ كۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ساقچى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش باشلانغان.

مەزكۇر ساقچىنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەرلەردە، تەكشۈرۈشنىڭ مەزكۇر نامايىشچىنىڭ 2019- يىلى 19- ئىيۇندا سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان ياش ئوقۇغۇچى فىئورىنا لىگنىيېر بايانات بېرىپ، ساقچىنىڭ قىلمىشىنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى.

5 – فېۋرال فىرانسىيەنىڭ رېننېس شەھرىدە بىر ساقچى ئۈستىدىن سېرىق جىلىتكىلىك پائالىيەتچىنىڭ كۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تەكشۈرۈش باشلانغانىدى.

فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 30 ئادەم كۆزىدىن، 5 ئادەم قولىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە 770 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر