ئاراكانلىق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلار تۇرۇشلۇق باڭلادېشتىكى لاگېردا غايەت زورئاپىتى يۈز بەردى

باڭلادېشتا ئاراكانلىق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلار تۇرۇشلۇق لاگېردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، كەم دېگەندە 28 كىشى قازا قىلىپ، 40 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

1607364
ئاراكانلىق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلار تۇرۇشلۇق باڭلادېشتىكى لاگېردا غايەت زورئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرما كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كياۋ ۋىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) غا بەرگەن باياناتىدا، لاگېردىكى ئوت ئاپىتىدە تەخمىنەن 15 مىڭ پاناھلىنىش ئۆيىنىڭ يوقالغانلىقىنى، كەم دېگەندە 28 كىشى قازا قىلىپ، 40 نەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار كومىسسارلىقى (UNHCR) باڭلادېش ۋەكىلى جوھاننىس ۋان دېر كلائاۋ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كوكس بازىرىدىكى بالۇخالى لاگېرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن 400 كىشىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  

ب د ت ئەترىتىنىڭ رايوندا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان كلائاۋ، ئوت ئاپىتىغا قارىتا «بەك چوڭ ۋە ۋەيران قىلارلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، ئاپەتتە كلىنىكا ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىنىڭمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەن ئىدى.

جوھاننىس ۋان دېر كلاۋ خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى بىلەن ئوتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىزمەتلەردە  ئەڭ ئاجىز ئەھۋالدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  

بۇ جەرياندا، بېاڭلادېش دائىرىلىرىنىڭ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئاۋغۇستتىن كېيىن، ئاراكاندىكى زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ باڭلادېشقا كەلگەنلەرنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر