شىمالىي كورېيە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1607294
شىمالىي كورېيە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېننىڭ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىگە جاۋابەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلغان ۋە ئىسمىنىڭ ئاشكارلىنىشىنى خالىمىغان ئامېرىكا مەسئۇللىرى تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرنى دەلىللىدى ھەمدە شىمالىي كورېيەنىڭ بىر قانچە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇللار بۇ چارلىغۇچى تۈرلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرى پىلانىدىن چەكلەش ئۈچۈن ماقۇللانغان قارارىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ سىناقلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شىمالىي كورېيە قويۇپ بەرگەن تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىناقلار ئارقىلىق بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

بايدىن ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەگە قاراتقان سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يو جوڭ ئوستىن ۋە بىللىنكېننىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئەگەر ئامېرىكا كارىۋىتىدا راھەت يېتىشنى خالايدىغان بولسا، ناچار پۇراق چىقىرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دەپ تەھدىت سالغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر