بلىنكېن تۈركىيەنىڭ ناتودىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيەنىڭ ناتوغا بولغان سادىقلىقىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ھەممىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1606914
بلىنكېن تۈركىيەنىڭ ناتودىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونى بلىنكېن ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە، باش كاتىپ ستولتېنبېرگ بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئانتونى بلىنكېن: «بۈگۈن بۇ يەرگە ئامېرىكانىڭ تەشكىلاتقا بولغان تەۋرەنمەس سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم. ئامېرىكا ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى خالايدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشاش، بۈگۈنكى تەھدىتلەرمۇ كۈچلۈك ۋە تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلاتنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا: «تۈركىيە ئۇزۇن ئۆتمۈشىمىز بولغان ۋە بىز ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىتتىپاقدىشىمىز. تۈركىيەنىڭ ناتوغا بولغان سادىقلىقىنىڭ داۋاملىشىشى ھەممىمىزگە پايدىلىق. ئامېرىكا ۋە ناتو تۈركىيەنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇشنى خالايدۇ» دېدى.

ئۇ خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «بۇ ھەقتە داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، مەن بۇ يەرگە باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش ۋە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن كەلدىم. چۈنكى ئىتتىپاقداشلار مۇشۇنداق قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى توغرىسىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«ئافغانىستانغا بىرلىكتە كىردۇق، ئۆزئارا ماسلاشتۇق، شۇڭا توغرا ۋاقىتتا بىرلىكتە چېكىنىمىز. بۇ يەردە ئورتاق سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ بىللە بولۇش. پىرېزىدېنت جو بايدىن چېكىنىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان 1-ماي (2021) غا يېتىشىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بىراق، ئامېرىكا نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.»

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارى ئۈستىدە توختالغاندا، بىرلىكتە قارار چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتىپ، ئافغانىستاندىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ، تالىباننىڭ زوراۋانلىقلارنى توختىتىشىنى ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر