ياۋروپا ئىتتىپاقى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋوندېر لىيېن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەۋەتەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1605787
ياۋروپا ئىتتىپاقى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋوندېر لىيېن گېرمانىيەنىڭ «فۇنكە» (Funke) ئاخبارات گۇرۇھى مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە: «ئەزا دۆلەتلەردىن ۋاكسىنالارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىشى ئۈچۈن كۆپ بېسىم بار» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىناغا ئىگە بولالىشى ئۈچۈن «ۋاكسىنالارغا ئىگە بولۇش پىروگراممىسى»(COVAX)  ھەرىكىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكسىنانى باشقا دۆلەتلەرگە بىۋاستە ئەۋەتىش مېخانىزمى، پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ۋاقتىمىزدا باشلىنىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغىچە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شىركەتلەرگە 2.6 مىليارد دانە ۋاكسىنا زاكاس قىلدى، ئەمما مۇشۇ ئاينى قوشقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ ھەممىسىگە تەخمىنەن 70 مىليون دانە ۋاكسىنا تاپشۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر