ئىسرائىلىيە مالىكىنىڭ VIP كارتىسىنى مۇسادىرە قىلدى

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكىنىڭ VIP (ئىنتايىن مۇھىم شەخس) كارتىسىنى مۇسادىرە قىلدى.

1605686
ئىسرائىلىيە مالىكىنىڭ VIP كارتىسىنى مۇسادىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئەددىك بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى گىرېتسىيە ۋە گوللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مالىكى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى پادىشاھ ھۈسەيىن كۆۋرۈكى چېگرا ئېغىزى (ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقىدا) دا توسۇۋېلىپ يېرىم سائەت بويىچە سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەددىك، سوراقتىن كېيىن مالىكنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارغا بېرىلگەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن باشقا يەرلەرگە بېرىش ۋە ئىسرائىلىيەگە ئەركىن كىرىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان VIP كارتىسىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنىدا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش قارارىغا قارشى بۇ قەدەمنى تاشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەددىك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ بىر ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇن بىلەن ماسلىشىپ ياشىيالمايدىغانلىقىنى، توختىماي تەھدىت، مەجبۇرلاش ۋە قارا چاپلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەددىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر