تەيۋەننىڭ ئىككى ئايروپىلانى سوقۇلۇپ كەتتى

تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە «F-5E» ئۇرۇش ئايروپىلانى، پىڭتۇڭ ناھىيەسى ئەتراپىدا ئۇچۇۋاتقاندا سوقۇشۇپ كېتىپ تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كەتتى.

1606107
تەيۋەننىڭ ئىككى ئايروپىلانى سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەشىق ئۇچۇشى ئۈچۈن تەيتۇڭنىڭ جىخاڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن تۆت دانە «F-5E» ئايروپىلاننىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئىككى دانىسىنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇشۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇچقۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاراشوت بىلەن سەكرىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ھەربىي تىك ئۇچار ۋە چارلاش پاراخوتلىرى ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەيتۇڭ ۋە پىڭتۇڭدىن كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ساھىلدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن رايونغا ئورۇنلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر