فىرانسىيەدە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى بىلەن تىنقىد قىلىنىۋاتقان «ئايرىمچى قانۇن لايىھىسى»گە ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

1605991
فىرانسىيەدە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پارىژ، مارسىليا، لىللە، ستراسبۇرگ، بوردوكس ۋە لىئون قاتارلىق شەھەرلەردە «ئايرىمچى قانۇن لايىھىسى»گە ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

«ھەممەيلەننىڭ باراۋەر ھەق- ھوقۇققا ئىگە بولىشى ئۈچۈن ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا قارشى ئالدىنقى فىرونت» ناملىق ئاممىۋى ئۇيۇشمىنىڭ باشچىلىقىدا، پارىژنىڭ چاتېلېت مەيدانىغا توپلاشقان نامايىشچىلار جۇمھۇرىيەت مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلدى.

 نامايىشچىلار «ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش توختىتتىلسۇن!»، «ئادالەت بولمىسا، تىنچلىقمۇ بولمايدۇ»، «ئىرقچىلار خالىمىسىمۇ بىز بۇ يەردەمىز»،  «ماكرون خالىمىسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپى ۋە بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىز بۇ يەردەمىز» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر