نېتانياھۇ تېل ئاۋىۋدىن ئۇدۇل مەككىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ تېل ئاۋىۋدىن ئۇدۇل مەككىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشىنى باشلاشقا ۋەدە بەردى.

1605388
نېتانياھۇ تېل ئاۋىۋدىن ئۇدۇل مەككىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتانىياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ «قانال 13» تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا، پەلەستىنلىكلەرگە سايلام ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بەردى ھەمدە «ئەگەر مەن قايتا سايلانسام، تېل ئاۋىۋدىن ئۇدۇل مەككىگە ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىمەن» دېدى.

نېتانىياھۇ بۇ باياناتى ئارقىلىق ئەگەر قايتا باش مىنىستىر بولۇپ سايلانسا، ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن بولدى.

نېتانىياھۇ 16-مارتتا تېلېۋىزىيە قانىلىغا قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە 4 دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر 15-مارتتا «The Wall Street Journal» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئومان ۋە ماۋرىتانىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىن ئىكەنلىكىنى يازغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەدە 2 يىل ئىچىدە تۆتىنچى قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى 23-مارتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر