لىۋىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت تىزىملىكى توبرۇك ۋە تىرىپولىدىكى پارلامېنتقا سۇنۇلدى

لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە يېڭى ھۆكۈمەت تىزىملىكىنى 8-مارتتا (2021) سىرتەدە توپلىنىشى پىلان قىلىنغان بۆلۈنۈپ تۇرۇۋاتقان توبرۇك ۋە تىرىپولىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى تەشكىللىگەن پارلامېنتقا سۇندى.

1595664
لىۋىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت تىزىملىكى توبرۇك ۋە تىرىپولىدىكى پارلامېنتقا سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى ھۆكۈمەت تىزىملىكىنىڭ توبرۇك ۋە تىرىپولىدىكى پارلامېنتقا سۇنۇلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، باش مىنىستىر دىبەيبەنىڭ مەزكۇر قەدەمنى لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن پىلان رامكىسىدا باسقانلىقى قەيت قىلىندى.

باش مىنىستىر دىبەيبەنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد مەھمۇت باش مىنستىر دىبەيبەنىڭ كابېنت تىزىملىكىنى توبرۇكتىكى ئاكىلە سالىھ باشچىلىقىدىكى پارلامېنتقا سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۆلۈنگەن ھالدىكى توبرۇك ۋە تىرىپولىدىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 8-مارتتا سىرتە شەھىرىدە ئاكىلە سالىھ باشچىلىقىدا توپلىنىشى پىلان قىلىنماقتا.

بىراق، تىرىپولىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرى تۈپەيلىدىن سىرتەگە بارمايدىغانلىقى، بەلكى ۋىدېئو كونفېرانسى شەكلىدە ئىشەنچ ئاۋازى تاشلاشقا قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

لىۋىيەدىكى كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن 5-فېۋرال (2021) ب د ت باشچىلىقىدا جەنۋەدە ئېچىلغان لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى ئەزالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن، 2021-يىلى 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىنغان سايلامغىچە دۆلەتنى باشقۇرىدىغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە مۇھەممەد مەنفى، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئابدۇلھامىد دىبەيبە سايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر