ي پ گ / پ ك ك فىرانسۇز پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىغا كىرىشىگە يول قويمىدى

ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خول لاگېرىغا كىرىشىگە يول قويمىدى.

1594079
ي پ گ / پ ك ك فىرانسۇز پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىغا كىرىشىگە يول قويمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سولچىل ئېقىم پارلامېنت ئەزالىرى فرېدېرىك دۇماس، خۇبېرت جۇلىئېن - لافېررىئېر، سىلۋىي گۇيلاۋم ۋە مونىر ساتۇرىي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بېلگىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىسپانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمەكلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خول لاگېرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئۆز كونتروللۇقىدىكى لاگېرغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «نەق مەيداندىكى سۆھبەتلىرىمىز لاگېرغا كىرىشنىڭ چەكلىنىشىنىڭ فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە بېسىمى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

لاگېرلاردا كۆپىنچىسى فىرانسۇزلاردىن تەركىب تاپقان ياۋروپالىقلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ۋەزىيەتنىڭ ناچار ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بالىلار ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر