بلىنكېن قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1594063
بلىنكېن قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مىنىستىر بلىنكېن، قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، بلىنكېن، پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا، قاتار بىلەن بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان <ئەلئۇلا باياننامىسى> ئارقىلىق تاشلانغان تارىخىي قەدەم تۈپەيلى، قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانىنى تەبرىكلىدى. چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئۆزئارا ئېچىلىشى، قاتناش چەكلىمىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىدى. مىنىسرتىر بلىنكېن يەنە، قاتارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىسىملىرىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئىككى مىنىستىر، قاتارنىڭ ئافغانىستانلىقلار ئارا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قوللىشى ۋە پارىس قولتۇقىدىكى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر