قاتار  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

يەمەندە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىراننىڭ قوللىشى ئاسىتىدىكى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، قاتار  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1592582
قاتار  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرلىك كېڭىشىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئەل سانى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

شەيخ تەمىم تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۆز دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇقىملىقىنىڭ قاتار ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىغا  ئەزا دۆلەتللەرنىڭ  مۇقىملىقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتتە رايون خاراكتېرلىق  ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغان بىن سالمان بىلەن شەيخ تەمىم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىنى قوللاش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يازما باياناتىدا، خۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر