ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىراندا زىيارەتتە بولدى

ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1591833
ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىراندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن كۈتۈلمىگەندە ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ كەلگەن ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن، ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىىڭ  باش كاتىپى ئەلى شەمھانى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، ھۈسەيىننىڭ باشقا ئىران دائىرىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۈسەيىننىڭ زىيارىتىنىڭ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇملار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى تۈپەيلى سۈرىيەدىكى ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ئائىت بىر جايغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى» دىن كېيىنلا ئىشقا ئېشىشى دىققەت قوزغايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر