ئامېرىكا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جورجىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 3 ئادەم قازا قىلدى.
1591716
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى (FAA) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گاينىسۋىللې شەھىرىدىكى Lee Gilmer Memorial ئايرودۇرۇمدىن قوزغالغان «Cessna 182 Skylane » تىپلىق كىچىك ئايروپىلان قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ئايروپىلان قونۇش مەيدانىنىڭ 3.2 كىلومېتىر يىراقلىقىدا چۈشۈپ كەتكەن.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازادا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى ئورگىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن قايدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلىدىكەن.