ئامېرىكا سۈرىيەدىكى بىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقتىكى ھۇجۇملار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىران ھىمايىسىدىكى گۇرۇپپىلارغا تەۋە بىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

1591028
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى بىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى­ — پېنتاگون (بەشبۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى جون كىربى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئىران ھىمايىسىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئىشلىتىۋاتقان بىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى» دېدى.

كىربى بۇ ھۇجۇمنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئىراقتا يۈز بەرگەن راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان قايتۇرما ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بۇ ھۇجۇم خۇسۇسەن كەتائىب ھىزبۇللاھ ۋە كەتائىب سەييىد ئەششۇھەدائ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىران ھامىيلىقىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ چېگرا تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى نۇرغۇن يەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىربى، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن ھۇجۇمنىڭ مۇۋازىنەتلىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر