شىۋېتسىيەدە مۇزلىغان كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلدى

شىۋېتسىيەنىڭ ژۆنشوپىڭ (Jönköping) شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى سەبخۈە (Sävsjö) ناھىيەسىدە مۇز تۇتقان ۋەلخۈەن (Vallsjön) كۆلىدە، مۇزنىڭ سۇنۇشى نەتىجىسىدە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن تۆت كىشى تۇنجۇقۇپ جېنىدىن ئايرىلدى.

1591049
شىۋېتسىيەدە مۇزلىغان كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زۆنشوپىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ژۆن ئۆبېرگ (Björn Öberg) شىۋېتسىيە ت ت (TT) خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، مۇزنىڭ سۇنۇشى نەتىجىسىدە سۇغا چۈشۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ جېنىدىن ئايرىلغان 65 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان تۆت ئەر كىشىنىڭ جەسىتىنى چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى بىلەن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ھازىرچە بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇزلىغان كەلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر