ياپونىيەدە 13-فېۋرال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان فۇكۇشىمانىڭ دېڭىز تەۋەلكىدە 13-فېۋرال (2021) يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1590428
ياپونىيەدە 13-فېۋرال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ۋىلايىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 13-فېۋرال يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتە بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فۇكۇشىما شەھەرلىك ھۆكۈمەت 7.3 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بەرگەن تۇنجى ئۆلۈم توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بىر دوستى ئۇزۇنغىچە خەۋەر ئالالمىغان 50 ياشلىق كىشىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆزىنى دالدىغا ئالغان جابدۇقنىڭ ئاستىدا ئۆلۈك ھالدا تېپىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئوت ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە شەرقىي شىمالدىكى 10 ۋىلايەتتە 185 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 3 مىڭ 112 بىنانىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەر تەۋرەش مىياگى، ئىۋاتە، ئاكىتا، گۇنما، سائىتاما، ئامورى ۋە پايتەخت توكيو قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ھېس قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر