ئەرمېنىيە ئارمىيەسى پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئۆزىنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان باش ئىشتاب باشلىقىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

1590539
ئەرمېنىيە ئارمىيەسى پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋە بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا، پاشىنيان ھۆكۈمىتىنىڭ ھالقىلىق، شۇنداقلا يېتەرلىك قارارلارنى چىقىرالمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قادىر ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى ئارمىيەنىڭ ئىستېپا بېرىش چاقىرىقىنى «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاپ، قوللىغۇچىلىرىنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر