ئىسپانىيەدىكى نامايىشلارغا ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى

ئىسپانىيەدە قولغا ئېلىش قارارى بىلەن 16-فېۋرالدا تۈرمىگە تاشلانغان راپ ناخشىچىسى پابلو خاسېلنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ باشلانغان نامايىشلار 8-كۈنىگە قەدەم قويدى.

1589772
ئىسپانىيەدىكى نامايىشلارغا ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رادىكال سولچىل گۇرۇپپىلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان رۇخسەتسىز نامايىشلار تۈنۈگۈن كەچتە كاتالونىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىگە مەركەزلەشتى.

بارسېلونانىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىغا توپلانغان كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرى جەريانىدا  ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا يەنە زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقلار يۈز بەردى.

نامايىشچىلار يۈرۈش قىلىش يولىدىكى شىشە يېغىش ساندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، ئىچىدىن چىقارغان بوتىلكىلارنى ساقچىلارغا ئاتتى.

لاس كولس مەيدانىدا بىر زوراۋان گۇرۇپپا دۇكانلارغا ۋە ساقچى ماشىنىلىرىغا بوياقلار بىلەن تاشلارنى ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى پات-پات مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق ۋەقەلەرنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

كاتالونىيە بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن 1 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىتىلدى. ھازىرغىچە 109 نامايىشچى قولغا ئېلىندى. ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىدا ۋە ناخشىلىرىدا تېرورلۇقنى ئۇلۇغلايدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، پادىشاھقا ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن  9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پابلو خاسېل 16-فېۋرال قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە يوللانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر