ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇزان زاپىسىنى كۆپەيتكەن

خەلقئارالىق ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى (UAEA) ئىراننىڭ %20 نىسبەتتە قويۇلدۇرۇلغان 17.6 كىلوگىرام ئۇران ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

1589631
ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇزان زاپىسىنى كۆپەيتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى 16-فېۋرال (2021) ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشقان دوكلاتتا، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغاندەك %20 نىسبەتتە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئىران قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى 2-نويابىر (2020) دا بىلدۈرۈلگەن تەخمىنەن 2 مىڭ 442 كىلوگىرامدىن 2 مىڭ 968 كىلوگىرامغا چىقارغان.

دوكلاتتا: «ئاگېنتلىق ئىران تەرىپىدىن بىلدۈرۈلمىگەن بىر نۇقتىدا، ئۇقتۇرۇلمىغان يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكى مەسىلىسىدە چوڭقۇر قايغۇرماقتا. يادرو ماتېرىياللىرى ئىراننىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى كېلىشىمى دائىرىسىدە بىلدۈرۈلۈشى كېرەك» دېيىلدى.

2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمى، ئىراننىڭ 202.8 كىلوگىراملىق ئۇران زاپىسى ساقلىشىغا ۋە %3.67 گىچە ئۇران قويۇلدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئىران يادرو كېلىشىمى رۇخسەت قىلغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىدىن تەخمىنەن 15 ھەسسە كۆپ مىقدارغا ئىگە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئاگېنتلىقى تەپتىشىگە ئالاھىدە تەكشۈرۈش رۇخسىتى بەرگەن قوشۇمچە كېلىشىمنى توختاتقان ئىراننىڭ خاتا نىشاندا ئىكەنلىكىنى ۋە يادرو مەسىلىسىدىكى چەكلىمىلەردىن يىراقلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئامېرىكا بىلەن ئىراننى يادرو كېلىشىمىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدىغان بىر نەتىجىگە ئېرىشىش. بىراق، بېسىلغان قەدەملەر خاتا تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر