نېتانياھۇ: ئىراننى توسۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىشنى قىلىمىز

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ يادرو كېلىشىمى قايتىدىن ئىجرا قىلىنسۇن ياكى قىلىنمىسۇن، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1589326
نېتانياھۇ: ئىراننى توسۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىشنى قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن 2015-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمگە قايتىش توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئىران بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمگە باغلىمىغانلىقلىرىنى، شىمالىي كورېيەدە بولغىنىغا ئوخشاش، بۇ خىل كېلىشىملەرنىڭ بەك كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كېلىشىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئىشنى قىلىمىز.»

ئىران بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغان، بىراق سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2018-يىلى كېلىشىمنى بىكار قىلغان ئىدى.

ئىران 2019-يىلى 8-مايدىن تارتىپ قەدەممۇ قەدەم كېلىشىمدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى توختىتىشقا باشلىغان ۋە 2020-يىلى 5-يانۋارغا كەلگەندە ۋەدىلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇران قويۇلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ھەرىكەتلەرنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر