نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئونلارچە كىشى ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ ئېبونيى ئۆلكىسىدە ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 25 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1588709
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئونلارچە كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېبونيى ۋالىيسى داۋىد ئۇماھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلكىنىڭ ئوھائۇكۋۇ رايونىدا ئېففۇم ۋە ئەززە ئېففۇم ئېتنىك گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 25 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، 125 ئۆي ۋە بىر قىسىم ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا ئوت كەتكەن، رايون ئاھالىسى قورقۇپ كېتىپ، ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئېبونيى ئۆلكىسىدە، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا، تەبىئىي بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بپولالماسلىق سەۋەبىدىن، پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر