پ ك ك بابقا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ باب ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1584261
پ ك ك بابقا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى تېررورچىلار، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا، 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىر كۈنى ھاسىل  قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن بوشىتىشقا تېگىشلىك مۇنبىچ ناھىيەسىنى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بازىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تېررورچىلار، ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان مۇنبىچتىن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  (2016 – يىلى ئاۋغۇستتىن 2017 – يىلى مارتقىچە داۋاملاشقان) «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى»رايونىدىكى باب ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئۇم ئادەسە ۋە سۇككەرىييە يېزىلىرىغا مىنامىيوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا، ئۇم ئادەسە يېزىسىدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر پۇقرا يارىلانغان.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ 8 – فېۋرال كۈنى ئېلىپ بارغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا، 3 ى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 9 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر