ب د ت سومالىلىقلارغا ياردەم توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل 5 مىليون 900 مىڭ سومالىلىققا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار لازىملىقىنى ئۇقتۇردى.

1584447
ب د ت سومالىلىقلارغا ياردەم توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇ، چېكەتكە ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى، ھەمدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، سومالىدىكى 2 مىليون 700 مىڭ كىشىنىڭ ئاچارچىلىق خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

2 مىليون 600 مىڭ سومالىلىقنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۇ يىل 5 مىليون 900 مىڭ كىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۆلەتنىڭ سومالىلاند، پونتلاند، گالمۇدۇگ ۋە جۇبالاند ئۆلكىرىلىدە سۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇداخىلە ئۈچۈن، بۇ يىل خەلقئارالىق شېرىكلەردىن تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شېرىكلىرى، بۇلتۇر بۇ دۆلەتتە 820 مىليون دوللار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمىتى ئىشلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر