ئىران ئەرمېنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئەرمېنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ئىراننىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1572288
ئىران ئەرمېنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ ئەرمېنىيە زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە زىيارىتىدىن كېيىن، ئەرمېنىيەنى زىيارەت قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارا ئايۋازيان بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ، «ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئىنتايىن مۇھىم. ئەرمېنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ئىراننىڭ قىزىل سىزىقىدۇر» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

كۆرۈشۈشتە، ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايۋازيان ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىراننىڭ ئەرمېنىيەنىڭ تۆتىنچى ئىقتىسادىي شېرىكى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈش رامكىسىدا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بانكاچىلىق، قاتناش، ئىران مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى ۋە ئاراس دەرياسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە ئارقىدىن گىرۇزىيە بىلەن تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر